ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە شەخسلەر بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈن خەلقئاراغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىرلىكتە تونۇتۇش، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلار مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا شەخس ۋە تەشكىاتلار بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھەق – ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.