مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» رەئىسى رۇشەن ئابباس ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس شەرقىي ياۋروپادىكى سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدە بىرقاتار ئۇچرىشىشلار ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ جايدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە گوللاندىيەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۇيغۇراينىڭ رۇشەن ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا