ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى توغرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ.
مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي مەشغۇلات پىلانى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىدىكى بىر قانچە شىركەت داۋاملىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا قارشى لوبىچىلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ، ئۇيغۇر رايونىدىن خام ئەشيا سېتىۋېلىشقا ئەمدى ھېچقانداق باھانە يوق. ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ زوراۋانلىق ئېنىق جەزملەشتۈرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، شىركەتلەر ئەمدى بۇرۇنقىدەك سودا قىلىۋېرىشكە ئامالسىز. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى چىقىرىپ تاشلاش خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىنكاسى دەپ قارىلىشى كېرەك. دوكلاتتا يەنە «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئاپتوبۇسى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ۋە ئاياللار…» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى رۇشەن ئابباس تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «زامانىۋى قۇللۇق بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش تىرىشچانلىقىغا قارشى تۇرۇش تولىمۇ پەسكەشلىك، ئۇنى بىۋاسىتە خىتايغا شېرىك بولغانلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ».
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ ھەر قانداق يېرىدىن چىققان پاختا مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشى كېرەك» دېگەن تەكلىپكە تامامەن قوشۇلىدۇ. چۈنكى بۇ رايوندىن چىقىدىغان پاختا خىتاي پاختىسىنىڭ تەخمىنەن 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا ، بۇ بۇيرۇق غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. باشقا دۆلەتلەرمۇ يۇقىرىقى تەكلىپكە ئاساسەن شۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك قائىدىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمما بۇنى قىلماي بولمايدۇ. ئەخلاق-ۋىجداننىڭ پۈتكۈل دۇنياغا، بولۇپمۇ كىيىم-كېچەك سانائىتىگە بولغان تەسىرى كىشىلەرنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىللىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى خىتاي چېگراسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. بۇ پەقەت ئۇيغۇر خەلقىگىلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر، خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشلىرىغا چوقۇم ھەل قىلغۇچ ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىش كېرەك.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، بىز بۇ زامانىۋى دۇنيادىكى قۇللۇقنىڭ نورماللىشىشىغا قارشى تۇرۇشىمىز ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن بىر تالاي جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك.
بەختىيار ناسىر
ياخشى ۋە توغرا يىزىلىپتۇ
مەن قوللايمەن