بۈگۈن (12-نويابىر) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدۇر. بۈگۈن 1933-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن، 1944-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەيدىغان كۈندۇر. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئېغىر زۇلمى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولماقتا. جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل بولۇش، يەنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قانۇنلۇق دۆلىتىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىن ئورۇن ئالغانىدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخىمىزغا، دىنىمىزغا، مىللىي كىملىكىمىزگە ئېغىر زەربە بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ شەرەپلىك تارىخىي كۈننى خاتىرلىگىنىمىزدە تولىمۇ ئىپتىخارلىنىمىز، چۈنكى خەلقىمىز قەيسەر، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىقتىدارلىق خەلقتۇر؛ بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردىمۇ خەلقىمىز بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن».
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كۈرىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدۇ ۋە بۇ ئالاھىدە كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق سالىمى يوللايدۇ.