ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دېموكراتىك جەمئىيەت ئاتا قىلغان ئالاھىدە ھوقۇقنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسلەرنى سايلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق دېموكراتىك جەمئىيەتكە تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بىز دېموكراتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغدايمىز. ئىنسانلارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى تارتىۋېلىنىغاندا بۇ خىل رەزىل ئىدىيە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرگە يول ئېچىپ بېرىدۇ، بىز دەل ئەنە شۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرۈۋاتىمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى تارتىۋېلىندى، ئۇلارنىڭ زېمىنى مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر دەرىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، دۇنياۋى ماركىلار ئۈچۈن زامانىۋى قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىغا مەيلى كىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسۇن، كەلگۈسى تۆت يىلدا ئۇ پرېزىدېنتنىڭ يېڭى ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. گەرچە دۇنيادا مۇكەممەل بىر سىياسىي سىستېما بولمىسىمۇ، بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاۋازىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىبلىسنىڭ جىنايەتلىرىنى توسۇپ، ئىنسانلار بالا-قازادىن ئامان قالىدىغان سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز. سايلام جەريانىدىكى مالىمانچىلىقلارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدىغان بىر رەھبەرنىڭ سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ رەھبىرى سايلىنىدۇ، بىز كىمنىڭ كىمگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. كەلگۈسى 4 يىلدا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىزمۇ؟
Tash Oghli
Uyghurlarda ” ash bolsa qazan , jan bolsa jahan ” digen hikmetlik söz bar. Shunga eng awal barliq imkaniyetlerdin paydilinip xelqimizni qutuldurush üchün küresh qilmiqimiz lazim.”Uyghur herkiti teshkilati ” bu yolda ajayip esil xizmetlerni qiliwatidu Alla ulardin razi bolsun.