خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا بۇنىڭدىنمۇ قەبىھ بولغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەنبەسى بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن 11-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئالدى بىلەن خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جىم مەكگوۋېرىن سۆز ئالدى. ئۇ 2020-يىللىق يېڭى دوكلات سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلانغان دوكلاتنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، تاجسىمان ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى زور بىر قاباھەت سۈپىتىدە سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى «سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر،» دەپ كۆرسەتتى.
شۇ قاتاردا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە مۇئامىلىسىگە بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا بازارلىرىدىكى كۆپلىگەن ئىستېمال بۇيۇملىرى، جۈملىدىن بايراملىق سوۋغاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بەدىلىگە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتىكى «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ بەكمۇ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قاراشنىڭ خاتا بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك كىشىلىك ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشلارنىڭ 2020-يىلىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ باشقا ئەزالىرىدىن كرىستوفېر سىمىت، جېف مېركلېي، جېننېفېر ۋېكىستون، تام سۇۋازى قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەمدە بۇنىڭ داۋامى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئومۇملىشىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى دېگەنلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.
بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى «ئەمگەكچىلەر ھەقلىرى بىرلىكى» نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سكوت نوۋا ئىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىسپاتلار بىلەن مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى يەنە بىر خىل يېڭىچە ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تولۇق كونترول قىلىشى مىسلىسىز دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشقان. بولۇپمۇ خىتايدىكى پاختا زاپىسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىق توقۇمىچىلىق ئەمگىكى مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىكەن. خىتايدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان ھەرقانداق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.
بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن يەنە بىر شاھىت ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئىدى. ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش بىلەنلا بولدى قىلماي، يەنە ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەرقايسى جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە يوق قىلىشقا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق شىركەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سودىسىغا بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بۇنى قەتئىي چەكلەشنىڭ بەكمۇ تەخىرسىز سەۋىيەگە بېرىپ قالغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىشلارغا ھازىرقى كۈندە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە «ئادىل ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى شېللىي خان، «باراۋەرلىك مەركىزى» نىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جېفرىي ۋوگت قاتارلىقلارمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىسا لاگېردىنمۇ ئېغىر مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى. گۇۋاھلىق بېرىشتىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇلاردىن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى.
يىغىن ئاخىرىدا «ئەمگەكچىلەر ھەقلىرى بىرلىكى» نىڭ رەئىسى سكوت نوۋا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئامېرىكا بازىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا قارىتا مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي ئەمگەك ئەسلىدىنلا خاتا بولغان بىر قىلمىش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەخلاق نۇقتىسىدىن سالماقلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىغا مېنىڭچە، ئامېرىكادىكى ھەرقانداق بىر ئىستېمالچى قارشى پىكىردە ئەمەس، دەپ قارايمەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇ قانۇنغا خىلاپ بىر قىلمىش، شۇنداقلا جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان جىنايى ئىشلار قىلمىشى ۋە پۇقراۋىي قانۇن چەكلەۋاتقان بىر قىلمىش. بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا كىرىشىگە قارشى تۇرىدۇ. قارايدىغان بولساق، ئامېرىكا بازارلىرىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان. بۇ ماللارنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى بولسا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان. شۇڭا بۇ قىلمىشنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپ. ئەگەر بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ زور بىر خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ قىلمىشلارنى بوينىغا ئالمىسا بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شىنجاڭدا تېخىمۇ كېڭىيىدۇ»
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى كېڭەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خاتىرىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، يېقىندا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا قۇلايلىق شارائىتلارنى يارىتىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.